作词 : Halida Imam
يارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىگە ئىشەنمەس بولدۇم
كۈلۈپ تۇرغان كۆزلىرىگە ئىشەنمەس بولدۇم
بۈگۈن مىنى ئەتە ئۇنى ئالداپ يۈرۈپمۇ
قىزارمىغان يۈزلىرىگە ئىشەنمەس بولدۇم
ئىشەنمەس بولدۇم ئىشەنمەس بولدۇم
قىزارمىغان يۈزلىرىگە ئىشەنمەس بولدۇم
Music
ئاخىرقى رەت كەچۈر دىگەن ۋەدىسى يالغان
تالاي قىتىم قەسەم بىرىپ ھىجراندا قويغان
چىن دىلىدىن سۆيەلمەيدۇ ئالدايدۇ ھامان
پەقەت مىنى سۆيگىنىگە ئىشەنمەس بولدۇم
ئىشەنمەس بولدۇم ئىشەنمەس بولدۇم
پەقەت مىنى سۆيگىنىگە ئىشەنمەس بولدۇم
Music
ئالداپ شىرىن سۆزلەر بىلەن كۆڭلۇمنى ئالغان
غازاڭ قىلىپ باھارىمنى مىنى يىغلاتقان
بىر جېنىغا ئۇيالماستىن ئالتە يار تۇتقان
بىۋاپانىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنمەس بولدۇم
ئىشەنمەس بولدۇم ئىشەنمەس بولدۇم
بىۋاپانىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنمەس بولدۇم
Music
ئاخىرقى رەت كەچۈر دىگەن ۋەدىسى يالغان
تالاي قىتىم قەسەم بىرىپ ھىجراندا قويغان
چىن دىلىدىن سۆيەلمەيدۇ ئالدايدۇ ھامان
پەقەت مىنى سۆيگىنىگە ئىشەنمەس بولدۇم
ئىشەنمەس بولدۇم ئىشەنمەس بولدۇم
پەقەت مىنى سۆيگىنىگە ئىشەنمەس بولدۇم